Uyghur主要词典
بۆلجۈرگەن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يەر بېغىرلاپ پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان سامان
غوللۇق، بۆلجۈرگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە ياكى
سوقىچاق بولىدۇ، ئارقا تەرىپى ئاقۇش، ئوڭ يۈزى توق يېشىل رەڭدە، پۈرۈلمىلىرى بولىدۇ؛ گۈل تاجى ياپراقچىلىرى بەش تال، رەڭگى ئاق ياكى
ساغۇچ ئاق بولىدۇ. گۈل تېگى چوڭىيىپ، شارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، پىشقاندا قىزىرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، يېيىشكە بولىدۇ، ئۈستىدە ھەرە
ئۇۋىسىغا ئوخشاش كىچىك ئوقۇرچىلىرى بولىدۇ، ھەربىر ئوقۇرچىلىرىدا بىردىن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇق مېۋىسى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرىنىڭ زەيلىك
ئوتلىقى ۋە ئورمان ئارىسىدىكى بوشلۇقلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 20 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بۆلجۈرگەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامدىن بولغان قىزىتما، گال ئىششىپ ئاغرىش ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان بۆلجۈرگەندىن 12 گرام ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 ~ 70 گرام ھۆل بۆلجۈرگەن، 35 ~ 50 گرام، قۇرۇتۇلغان بۆلجۈرگەننى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل بۆلجۈرگەننى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
بۆلجۈرگەننىڭ ۋىتامىن مىقدارى ئالمىنىڭ7 -10 ھەسسىسىگىچە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە. ئۇ ھەم ئالىي دەرىجىلىك مېۋە، شۇنداقلا ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكى بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار.
بۆلجۈرگەن كۆپ يىللىق دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۇغىرىش ئاسان، ئىللىق، يېرىم سايە چۈشۈپ تۇرىدىغان جايلاردا ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدۇ، بەزى جايلاردا باغ ئىچىگە بۆلجۈرگەن كىرىشتۈرۈپ تېرىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەم بۆلجۈرگەننىڭ ئېكولوگىيىلىك شەرتىنى قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم مەخسۇس يەر ئاجرىتىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۆلجۈرگەن مېۋىلىك دەرەخ ئاستىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈك قەۋىتىنى شەكىللەندۈرگەچكە، سۇ ۋە ئوغۇتنى ساقلاشقا پايدىلىق، ئەگەر پەرۋىش جايىدا بولسا مېۋىدىنمۇ، بۆلجۈرگەندىنمۇ مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
بۆلجۈرگەن چېچەكلەپ مېۋە بەرگەندىن كېيىن، شۇ يىلى ئۆسكەن يېڭى غولىدىكى قولتۇق بىخى نۇرغۇن ئۇزۇن ياتما غوللارنى چىقىرىپ، يەرنى بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، غول بوغۇملىرىنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرغان قىسمى يەر ئاستىغا قاراپ تۇراقسىز يىلتىز چىقىرىدۇ، ئۈستىگە يوپۇرماق چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مايسا شەكىللىنىدۇ، بۇ بۆلجۈرگەننى كۆپەيتىپ، مايسا ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسلىق شەكىل.
بۆلجۈرگەن مېۋىسى قىزغۇچ سۆسۈن رەڭگە كىرگەندە مۇۋاپىق پەيتتە يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. بىر گۈل تەرتىپى ئىچىدىكى چېچەك ئۇدا ئېچىلىدىغان بولغاچقا، مېۋىنى ئۇدا يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. بىر سورتنىڭ يىغىۋېلىنىش مەزگىلى تەخمىنەن يېرىم ئاي داۋاملىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن - تېخنىكا خادىملىرى بۆلجۈرگەننى يىغىۋېلىش پەسلىنى ئالدىغا ياكى ئارقىغا سۈرۈشكە بولىدىغان بىر خىل يېڭى پەرۋىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بىر يىلنىڭ ھەممە پەسلىدە يېڭى بۆلجۈرگەن مېۋىسىنى يېيەلەيدىغان بولدى. بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: سۇلياۋ لاپاس ئارقىلىق تېمپېراتۇرا كونترول قىلىنىپ، بۆلجۈرگەن مۇددەتتىن بۇرۇن پىشۇرۇلۇپ، بالدۇر يىغىۋېلىنىدۇ؛1 - ئاينىڭ باشلىرى ئېتىزدىن بۆلجۈرگەن مايسىسى كولاپ ئېلىنىپ، سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ،
℃20 لۇق سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلىنىپ ئۆسۈشى تىزگىنلىنىدۇ. بىر مەزگىل سوغۇق ساقلانغاندىن كېيىن ئېتىزغا كۆچۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىلىشى كېچىكىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، قىپقىزىل بۆلجۈرگەن مېۋىلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە خۇش پۇراق چېچىپ يىل بويى بازاردىن ئۈزۈلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ؛ مېۋىسى سۇلۇق ۋە تاتلىق، يېگىلى بولىدۇ.