Uyghur主要词典
بۆكۈتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۆكۈتتى، غىلىغىتتى، كۆڭۈلگە تەگدى.
ياغلىغ ئاش مەنى بۆكۈتتى _ ياغلىق ئاش مېنى بۆكۈتتى ( ياغلىق ئاش كۆڭلۈمگە تەگدى، قورسىقىم تويماستىن كۆڭلۈمنى غىلغىتتى). شۇنىڭدەك باشقا بىر كىمگە كۆزى تويغاندەك مال بەرگەن كىشىگىمۇ مۇشۇ سۆز قوللىنىلىدۇ. ئول مەنى تاۋارىن بۆكۈتتى _ ئۇ مېنى مال بىلەن بۆكۈتتى، يەنى تويغۇزدى ( بۆكۈتۈر _ بۆكۈتمەك).
2 - 452