Uyghur主要词典
بۆگۈ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن.
«ئالىم» ئىلمدا يۇقىرى بىلىم ھاسىل قىلغان، مەلۇم نەتىجە ياراتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«دانىش» ، «دانا» ، «ئاقىل» ، ئەقىللىق، زېرەك كىشىلەرگە قارىتىلغان.
«بىلمدان» بىلملىك، جىق بىلىم ئىگ
ئالىمنىڭ ئالدىدا ئاغزىڭنى ئاچما. ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك، ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشقىمۇ بىلىم كېرەك. دانانىڭ سۆزىگە كېپىلنىڭ كېرىكى يوق. دانالار سۆزى _ كۆڭۈلنىڭ كۆزى. ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز . بىلىمداننىڭ بىلىمى كېچىنى يۇرىتىدىغان چىراغ. ئۆز ئۆيىدە قارىغۇ چاشقانمۇ دانىشمەن. پازىل پەزىلىتى بىلەن ئەزىز.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالىم، دانىشمەن، ئەقىللىق.
« بىلگە» سۆزىنى قوشۇپ « بۆگۈ بىلگە» دەپ ئېيتىش مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بىلىكنى ئىردەدىم
بۆگۈنى ئۆزۈردۈم
ئۆزۈمنى ئازىردىم
يالغىل ئاتىم يازلىنۇر