Uyghur主要词典
بىنېت
پسىخولوگىيە
فرانسىيە پىسخولوگى. ئۇ 1998 _ يىلى پارىژ داشۆسىدە فرانسىيىنىڭ بىرىنچى پىسخىكا تەجرىبىخانىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ پىسخولوگىيە ساھەسىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، ئەسەرلىرىمۇ جىق. ئۇ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، كېسەللىك ھادىسلىرى، ئىندۇئال ئايرىم پەرقلەر، پىسخىك ھارغىنلىق، ئاڭسىز تەپەككۇر قاتارلىق مەسلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. كىشلەرنىڭ يازغان خېتىگە قاراپ خىيال ۋە ئىدراك جەريانىنى تەتقىق قىلغان ( بۇ سىيا ئىزىغا قارپ تەتقىق قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇنىڭ بۇ خىل تەتقىقات ئۇسۇلى شىۋېتسارىيىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى روزچاخنىڭ 1921 _ يىلى ئىجاد قىلغان سىياھ ئىزىغا قاراپ سىناش ئۇسۇلىدىن 20 يىل بالدۇر ئىجاد قىلنغان. لېكىن بىنېتنىڭ پىسخولوگىيە جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى ئەقلىي قابىلىيەت ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى بىلەن ئەقلىي سىناش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىشى بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەقلىي قابىلىيەت يالغۇز ئەقلىي ھەرىكەتنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنىڭ يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى بىر خىل زەنجىرسىمان جەرياندىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈم، مەسلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنىڭ رولىمۇ بار. 1904 _ يىلى فرانسىيە مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پىسخىكىسى قالاق بالىلارنى سىنپقا بۆلۈش ئۇسۇلى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا، دوختۇر سىمون بىلەن بىرلىشىپ ئاخىرى پىسخولوگىيە تارىخىدا بىرىنچى ئىلمىي ئەقلىي قابىليەت يېشىنى ئۆلچەش جەدۋىلىنى ئىجاد قىلىدى. ( «بىنېت _ سىمون ئەقلىي قابىلىيەتنى ئۆلچەش جەدۋىلى»گە قاراڭ).