Uyghur主要词典
بېنگالنى ئۆلكىلەرگە ئايرىش پەرمانى
领域: دۇنيا تارىخى1905-يىلى ـ1-ئايدا ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيىسى، ئەنگلىيىلىك كورزوننىڭ ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى بويىچە بېنگالنى ئىككى ئۆلكىگە ئايرىش توغرىسىدا چىقارغان پەرمانى. ئاساسىي مەزمۇنى: بېنگالنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى 15 ناھىيىنى شىمالىي بېنگال ۋە ئاسسام ئۆلكىسى< قىلىش، ئاھالىسى 31 مىليون بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپچىلىكنى ئىگىلەيتتى؛ غەربىي بېنگالدىكى ناھىيىلەر بىخار، ئورىزالارنى بىرلەشتۈرۈپ يەنىلا بېنگال ئۆلكىسى دەپ ئاتاش، ئاھالىسى تەخمىنەن 40 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ھىندى مۇرىتلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بېنگالنى مۇنداق بۆلۈشتىكى غەرىزى بېنگالنى «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» ئارقىلىق دىنىي ئۆچمەنلىك قوزغاپ، بېنگال مىللىي ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ قانۇن بېنگال خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغاپ، 1905-يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى كەڭ - كۆلەملىك كۈرەشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان 1911-يىلى ئەنگلىيە - ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。