Uyghur主要词典
بىمالال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تارتىنماي، قىسلماي، كەڭتاشا، ئېچىلىپ، يېيىلىپ......
بىمالال سۆزلەڭ، خاتا بولسا كېرەك يوق. بەھۇزۇر ئولتۇرۇڭلار، مېھمانلار!
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قىينالماي، زورۇقماي.
ئاران، زورغا
قىينىلىپ، زورۇقۇپ.
<بىسمىللا> دىن ھايات تاپتىم، بىر چىنە ئاشنى ئاران تاپتىم. بۈگۈنكى ئىشنى زورغا تۈگەتتىم. تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى باردىم، خېلى ياخشى بىمالال بېرىپ كەلدىم. مېھمانلار، بەھۇزۇر ئولتۇرۇشسىلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئوڭايسىزلىق ھېس قىلماق، تارتىنماي، ئەركىن، بەھۇزۇر.
بىمالال سۆزلەشمەك.
خاتىرقەم.
مۇھەممەت دوختۇر بولسا نېمىدېگەن ياخشى - ھە؟ بىمالال كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىدىغان بولدۇق.
توسقۇنسىز، قارشىلىقسىز؛ قىينالماي، ئاسان.
پاتەمخان خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن بىمالال پايدىلىنالايتتى.
كاملىق قىلماي، تولۇق.
بۇ بىر پاك ماي ئاپتوموبىلىمىز خوتەنگە بارغۇچە بىمالال يېتىدۇ.