Uyghur←Chinese主要词典
بلۇشېر
دۇنيا تارىخى
布吕歇尔
bù lǚ xiē ěr
(1742 - 1819) پرۇسسىيە مارشالى.1756-يىلى شۋېتسىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، 1760-يىلىغا كەلگەندە پۇرۇسسىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1793 - 1794-يىللىرى بىرىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1796-يىلى گېنېرال لېيېنانتلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە ئېرفۇرت، مۈلخاۋسېن ۋە مۇنىستېرلەرنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1805-يىلى جۈنجاڭ بولغان. 1806-يىلى ئاۋئەرشىتېد ئۇرۇشىدا ناپولېئوندىن يېڭىلگەن. ئىككىنچى يىلى پومېرانىيىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. 1812-يىلى ناپولېئوننىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان. 1813-يىلى ناپولېئونغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىدا پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، سىلبزىيە جۈنتۈەنىنى باشلاپ لېيپىسىگە بىرلەشمە جېڭىگە قانتاشقان. ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1814-يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىگە قوغلاپ زەربە بېرىپ، پارىژ شەھىرىنىڭ يېنىغىچە بارغان. 1815-يىلى 6-ئايدا ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئۇنىڭ ئۇرۇش ئىستىلى قەيسەر، سالماق بولۇپ، جەڭچىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە بولغان. ماركس، ئېنگلېس ئۇنى <مۇنەۋۋەر ھەربىي> دەپ تەرىپلەشكەن. ئۇنىڭ <1793-يىلى ۋە 1794-يىللىرىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى خاتىرىلىرى> ناملىق ئەسىرى بار.