Uyghur←Chinese主要词典
بېلېست گانا
دۇنيا تارىخى
布菜斯特.伽纳
bù cài sī tè .gā nà
(1830 -120) چىلى يازغۇچىسى. دىپلوماتىيە ئەمەلدارى. ⅩⅨ ئەسىردىكى لاتىن ئامېرىكىسى رېئالست يازغۇچىسى. چىڭ سانتىياگودا تۇغۇلغان. 1946-يىلى سانتىياگو ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن پارىژدا قۇرۇلۇش كەسپىنى ئوقۇغان، قۇرۇقلۇق ئارمىيىدە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن ۋە كراچاگۋا ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1871-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيىدە باش ئەلچى بولۇپ تۇرغان. 1879 - 1891-يىللىرىدىكى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە چىلىنىڭ قورال - ياراق سېتىۋېلىش ئىشىغا مەسئۇل بولغان. 6188-يىلدىن كېيىن چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ پارىژدا ئۆلگەن. ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە كۆپىنچە چىلى جەمئىيىتىنىڭ رېئال تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <مارتىن رىۋاس>، <كۆچمەنلەر>، <مۇھەببەتتىكى ھېساب>، <قاپاقباشنىڭ غايىسى> قاتارلىقلار بار.