Uyghur主要词典
بلوك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىياسىي - ئىجتىمائىي مۇئەسسەسە.
تەشكىلات بۆلۈم. ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى. كوممۇنىستىك پارتىيە. گومىداڭ پىرقىسى. ئازادلىق جەمئىيىتى. ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى. ئاياللار بىرلەشمىسى. شىنجاڭدا تىنىچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى. دېموكراتىيە ئىتتىپاقى. ياشلار ئۆمىكى. ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى. مۇزىكا ترۇپپىسى. پارتىيە پاچېيكىسى. ئۈگىنىش گۇرۇپپىسى.
دۇنيا تارىخى
(1880 - 1921) سوۋېت روسىيە شائىرى. پېتېربۇرگ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1903-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى سىمۋولىزملىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، مىستىزملىق كەيپىياتى بىلەن توشقان. كېيىن 1905-يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاستا - ئاستا رېئالىزم تەرەپكە يۈزلەنگەن، <ۋەتەن>، <روسىيىگە مەدھىيە> قاتارىق شېئىرلارنى يازغان. ئۆكتەبر ئنقىلابىنى ھىمايە قىلغان. 1918-يىلى <ئون ئىككى> ناملىق داستانىنى يېزىپ ئون ئىككى نەپەر قىزىل گۋادىىچىنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنى يارىتىپ، سوۋېتتىكى يېڭى ھايات كارتىنىسىنى سىزىپ چىققان. بلوكنىڭ يەنە دراما ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىمۇ بار.
دۇنيا تارىخى
(1) جېئان رىچاد بولك (1884 - 1947). فرانسىيە يازغۇچىسى، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىىىڭ ئەزاسى. ياش ۋاقىتلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1910-يىلى <ئەركىن كۈچلەر( ژۇرنىلىنى نەشر قىلغان. 20-يىللاردا كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلغان. 30-يىللاردا فاشىزمغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ،1936-يىلىدىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابىغا مەدەت بەرگەن. 1937-يىلى ئاراگۇن بىلەن بىرلىكتە >كەچلىك گېزىتى< نى چىقارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، 1941 - يىلى نائىلاج سەرگەردان بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق خەلقنى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن داۋاملىق >كەچلىك گېزىتى< نىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ >سېتىلغان فرانسىيىدىن قولىغا قورال ئالغان فرانسىيىگىچە< ناملىق ئەسىرى بار. ) ( مارك بلوك )1886 - 1944(يىلىرى سىتراسبۇرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلى فېبۋرې بىلەن بىرلىكتە >ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت يىللىق مەجمۇئەسى< نى چىقىرىپ، تارىخ تەتقىقاتىدا پسىخولوگىيە، جۇغراپىيە ۋە ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان 1936-يىلىدىن ئېتىبارەن پارىژ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان، غەربىي ياۋروپا فېئوداللىق جەمئىيەتلىرى توغرىسىدا مۇپەسسەل بايانلىرى بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فاشىست گېرمانىيىسى فرانسىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1944-يىلى 6-ئايدا ئىشغالىيەتچى ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «فرانسىيىنىڭ يېزا تارىخىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى»، «تارىخنى ئاقلايمەن» قاتارلىق ئەسەلىرى بار.