Uyghur主要词典
بىلمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغىنى بىلەيگە سۈركەپ ئىتتىكلەتمەك.
پىچاق بىلىمىسە گاللىشىدۇ. _ تاش بىر نېمىنى كېسەلمىگىنى بىلەن، شەمشەرنى بىلەپ ئىتتىك قىلالايدۇ. ئۇرۇش باشلانغاندا قىلچىڭنى چاقلىساڭ كېچىكىسەن. ئىككى ياخشى بىر بولسا، تىنچلىق تىلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق قايرايدۇ. ئۇستىراڭنى كاپلاپ تۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم بولماق، ئېنىق بولماق.
دوست كۈلگەندە تونۇلماس، ئايرىلغاندا تونۇلار. ياخشىنىڭ قەدىرى ئۆلگەندە بىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر ساھەدە مەلۇماتقا، بىلىمگە ئىگە بولماق.
خەت بىلمەك.
كۆپ ئوقۇغان كۆپ بىلەر (ماقال).
خەۋەردار بولماق، ۋاقىپ بولماق، خەۋەر تاپماق.
قادىر ئاخىرى ھەممىنى بىلدى.
ئەسلىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەك، ئۇقماق، پەرق قىلماق، ئاجراتماق.
قازان ئالساڭ چېكىپ ئال، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ ئال (ماقال).
تونۇماق، تونۇش بولماق.
بىلگەن يولۇڭنى ئاتاڭغا بەرمە (ماقال).
ھېس قىلماق، سەزمەك.
قولۇمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئەمدى بىلدىم.
قەدرىگە يەتمەك، قەدىرلىمەك.
ئۆزىنى بىلمىگەن خەقنى بىلمەس (ماقال).
ھېسابلىماق، سانىماق، چاغلىماق … دەپ ھېسابلىماق، … دەپ تونۇماق.
غەنىيمەت بىلمەك.
ئۆزۈڭنى ئەر بىلسەڭ، ئۆزگىنى شىر بىل (ماقال).