Uyghur主要词典
بېللامى
دۇنيا تارىخى
(1850 - 1898) ئامېرىكا يازغۇچىسى. ماسسا چۈسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. بىرلەشمە ئىنىستىتۇتتا ئوقۇغان. 1868 - 1869 - يىللىرى گېرمانىيىگە بېرىپ ساياھەت ۋە ئۆگىنىش قىلىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى نامراتلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىدىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان. ۋەتىنىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەخسۇس قانۇن ئوقۇپ، ئادۋوكات بولغان. نيۇ يورك <كەچلىك پوچتا گېزىتى> دە مۇخبىر، تەھرىر بولغان. 1880-يىلى ئىنىسى بىلەن بىللە <كۈندىلىك خەۋەرلەر> نى نەشر قىلدۇرغان. 1888-يىلى نەشر قىلدۇرغان ئوتوىيىچە خىيالىي رومان <ئەسلەش> ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا خۇسۇسىي كارخانا يوقىتىلغان. ئۇرۇش، نامراتلىق، جىنايەت ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر تۈپ يىلتىزىدىن باشلاپ <يېڭى دۆلەت> ناملىق ھەپتىلىك ژۇرنالنى نەشر قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە <باراۋەرلىك> قاتارلىقلار بار.