Uyghur主要词典
بىلجىرلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورۇنسىز يوقىلاڭ گەپ - سۆزلەرنى كۆپلەپ قىلماق.
خەق سەندىن سورىمىسا، ۋالاقلىغىنىڭدىن نېمە پايدا؟ ئەخمەق بىلجىرلايدۇ، ئاقىل ئويلايدۇ. ۋىتىلدىغان ئىش بۇزار. جاۋىلداۋەرمە، جاۋغىيىڭ يىرتىلمىسۇن. قىرتىپ كەلسە، قىرىق كۈن يەتمەيدۇ. ۋاتىلدىغاننى ۋايىم باسىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاساسسىز، بولمىغۇر گەپ قىلماق؛ ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلىمەك؛ ئالجىماق؛ جۆيلۈمەك.
ئۇ بولار - بولماس بىلجىرلاپ ئىشنى بۇزدى.