Uyghur←Chinese主要词典
بېلگىيىنىڭ 1830-يىل ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
比利时一八
bǐ lì shí yī bā
بېلگىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى. 1814 - 1815 - يىلىدىكى ۋېنا يىغىنى بېلگىيىنى گوللاندىيىگە بۆلۈپ بېرىشنى قارار قىلغان. 1830-يىلى، فرانسىيە ئىيۇل ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن، برۇسسېلدا ئىنقىلاب پارتلاپ، بېلگىيىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، لېئوپولد دېگەن يېڭى كورۇلنى تىكلىگەن، 1183-يىلى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن جاكارلىغان. 1839-يىلى بېلگىيە گوللاندىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، پرۇسسىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك بىتەرەپ ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولغان.