Uyghur主要词典
بىلگە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بىلىملىك، ئالىم، دانىشمەن، پەيلاسوپ، ھېكىم، ئاقىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن.
«ئالىم» ئىلمدا يۇقىرى بىلىم ھاسىل قىلغان، مەلۇم نەتىجە ياراتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«دانىش» ، «دانا» ، «ئاقىل» ، ئەقىللىق، زېرەك كىشىلەرگە قارىتىلغان.
«بىلمدان» بىلملىك، جىق بىلىم ئىگ
ئالىمنىڭ ئالدىدا ئاغزىڭنى ئاچما. ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك، ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشقىمۇ بىلىم كېرەك. دانانىڭ سۆزىگە كېپىلنىڭ كېرىكى يوق. دانالار سۆزى _ كۆڭۈلنىڭ كۆزى. ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز . بىلىمداننىڭ بىلىمى كېچىنى يۇرىتىدىغان چىراغ. ئۆز ئۆيىدە قارىغۇ چاشقانمۇ دانىشمەن. پازىل پەزىلىتى بىلەن ئەزىز.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھېكىم، دانىشمەن، پەيلاسوپ.
1 - 557
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالىم، بىلىمدان.
1 - 557
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاقىل.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بىلگە ئەرىگ ئەزگۈ تۇتۇپ سۆزىن ئېشىت
ئەرزئەمىنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا
{بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئىشت،
پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.}
ئالىم، دانىشمەن ۋە ئاقىل كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئەردەم (پەزىلەت) لىرىنى ئۆگەن، ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئىش يۈزىدە كۆرسەت.
بۇ سۆز « بىلگە بەگ _ بىلگە بەگ» دەپ ئەرلەرنىڭ ئېتىمۇ بولۇپ كېلىدۇ. بۇ «بىلىملىك بەگ» دېگەن بولىدۇ. ئۇيغۇر خانى « كۆل بىلگە خان» دەپ ئاتىلاتتى، بۇ ئەقلى سۇ يىغىلغان يەرگە، يەنى كۆلگە ئوخشاش كەڭ دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەقىللىق كىشى « بۆگۈ بىلگە» دەپ ئاتىلىدۇ.
1 - 557
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دانىشمەن
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كىشى ئىسمى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
بىلىملىك، چۈشەنچىسى. چوڭقۇر، كۆپ ئوقۇغان كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بىلىملىك، نەزەر دائىرىسى كەڭ، چوڭقۇر بىلىملىك كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
بىلىملىك، چۈشەنچىسى چوڭقۇر، كۆپ ئوقۇغان كىشى.