Uyghur主要词典
بىلەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچى، بىر خىللىققا ئىگە سۆز ۋە جۈملىلەرنى بىرىكتۈرىدۇ.
خەلققە ھەمىشە مېھرىبان بول، ياخشىلىققا تىرىش ۋە ئامان بول. ھىجران قايغۇسى ھەم ۋىسال شادلىقىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىگەن ئادەم تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ. كىمدە كىم ئادەملىك ھەمدە ئىدراك - پەم، ئۆلۈك مىسالىدۇر تىرىكلىكتە ھەم. ئەمەت، سەمەت، يەنە مەمەتلەر ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. مەزىن بىلەن خوراز قورسىقى ئاچقاندا توۋلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
ئىككى جۈملە ياكى جۈملە بۆلەكلىرىنى تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلاپ كېلىدۇ.
مەن ئادىل بىلەن مۇختەرنى بازاردا ئۇچراتتىم.
< - غان، -قان، - گەن، - كەن> بىلەن ئاخىرلاشقان سۈپەتداشتىن كېيىن كېلىپ، مەنە جەھەتتىن قارشى بولغان ئەگەشمە جۈملە بىلەن باش جۈملىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
مەن بۇ شەھەرگە كەلمىگەن بىلەن، باشقا جايلارغا بارغانمەن.
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ۋاستىسىنى بىلدۈرىدۇ.
قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ (ماقال).
ئابستراكت مەنىدىكى ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانداق روھىي ھالەتتە ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
ۋاقىت مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ قاچان سادىر بولغانلىقىنى، قانچە ۋاقىت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇلار قەشقەرگە تاڭ سەھەر بىلەن يېتىپ كەلگەنىدى.
ئورۇن، جاينى بىلدۈرىدىغان ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ شۇ جاينى بويلاپ يۆنەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مەن بازار بىلەن كەلدىم.
<بىللە>، <بىرلىكتە> رەۋىشلىرى بىلەن كېلىپ، بىللىلىك ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاسىم ئۆزىنىڭ پارتىزان يىگىتلىرى بىلەن بىللە يېتىپ كەلدى.
ئىككى تەرەپ قاتنىشىش بىلەن بولىدىغان ئىش - ھەرىكەتنىڭ قارشى تەرىپىنى بىلدۈرىدۇ.
مەن تۇرسۇن بىلەن ئىككى سائەت پاراڭلاشتىم.
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ياكى ھالەتنىڭ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۆزىدىن ئالدىنقى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن نەرسە سەۋەب، ئاساس بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار (ماقال).
رەۋىشداشلار بىلەن بىللە كېلىپ، مەلۇم بىر ئىش، ئوي - پىكىرگە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ، مېنىڭ كىرگىنىمنى سەزمەي قالدى.
ۋاقىت، پەيت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەگەشمە جۈملىلەردە ئىسىمداشتىن كېيىن كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ باش جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشتىن بۇرۇن بېجىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
باش ئەتىياز كېلىشى بىلەن مەن سەرسان بولۇپ كېتىپ قالدىم.