Uyghur←Chinese主要词典
بلانكىچىلىق
دۇنيا تارىخى
布朗基主义
bù lǎng jī zhǔ yì
ⅩⅨ ئەسىردىكى فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بىر خىل ئىنقىلابىي تەۋەككۈلچىلىك پىكىر ئېقىمى. ئۇنىڭ ۋەكىلى بلانكى بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ كوممۇنىزمغا ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئىنقىلاببي پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ ئىنقىلاب جەريانىدىكى رولىنى چۈشەنمىگەن. پرولېتارىياتنىڭ سىنىپىي كۈرىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئاز ساندىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى ۋە دىكتاتۇرىسى بىەن كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇۇرپ تاشلاپ، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن دەپ قارىغان، ماركس، ئېنگېلس ۋە لېنىن بلانكىچىلارنىڭ ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان روھىغا ناھايىتى يۈكسەك باھا بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇلارنىڭ كەڭ ئاممىغا تايانماسلىقتەك مەزھەپچىلىك مەيدانىنى ۋە ئوبيېكتىپ شارائىت بىلەن كارى بولمايدىغان تەۋەككۈلچىلىك تاكتىكىسىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان.