Chinese→Uyghur主要词典
庇西特拉图
دۇنيا تارىخى
پېستىراتۇس
(مىلادىدىن ئىلگىرى 600 - 527). قەدىمكى ئافىنا ترانى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چققان بولۇپ، سولون بىلەن ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. ئۇ تراكىيىدە ئالتۇن كان ئاچقان. مىلادىدىن تەخمىنەن 570 يىل ئىلگىرى، ئافىنانىڭ مىگاراغا قىلغان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، باترۇلۇق كۆرسىتىش بىلەن نام چىقارغان. ئاىنادىكى پارتىيە - گۇرۇھلار كۈرىشىدە تاغلىق جايلار تەرەپدارلىرىنىڭ يولباشچىسى بولغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 560 يىل ئىلگىرى قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. مىلادىدىن 559 يىل ۋە 552 يىل ئىلگىرى ئىككى نۆۋەت سۈرگۈن قىلىنغان. مىلادىدىن 541 يىل ئىلگىرى پۇل چىقىرىپ ياللانما ئەسكەر توپلاپ ۋە تېبىس ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىۋاشتىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ( ئىلگىرى - ئاخىرى ئالاھزەل 17 - 18 يىلدەك ھۆكۈم سۈرگەن). ئۇزۇق ئاقسۆڭەكلىرىگە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ زەربە بېرىش؛ ئوتتۇرا، ئۇششاق يەر ئىگىلىرىنى قوغداش ۋە يېزا ئىگىلىك، سودا سانائەتكە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئېيتىلىشىچە ئۇ، بەزى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يېرىنى مۇسادىرە قىلىپ دېقھانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، 10% (ياكى 15%) يېزا ئىگىلىك بېجى ئېلىشنى ۋە تۆۋەن ئۆسۈم تۆلەيدىغان يېزا ئىگىلىك قەرز پۇلى تارقىتىشنى يولغا قويغان. يېزا سەييارە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىغان؛ كېمىسازلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، تاشقى سودىنى كېڭەيتكەن، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇشقا كىرىشكەن؛ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، سۇ يوللىرى ۋە ئىبادەتخانا قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىققان؛ ئالىملار، شائىرلارنى ئافىناغا تەكلىپ قىلغان. <گومېر داستانى> دەپ مۇشۇ مەزگىلىدە تۈزۈپ چىقىلغان. ئۇ، سولدىن بۇيانقى تۈزۈلگەن تۈزۈمنى بىكار قىلىمىغان، ئۇنىڭ ھەرخىل تەدبىرلىرى ئافىنانىڭ ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئافىنا تەرەققىي قىلىپ پەيدىنپەي پۈتكۈل گرېتسىيىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان. قەدىمكى يۇنان يازغۇچىلىرى مەسىلەن: ھېرودوت، ئارىستوتېل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پېستىراتوسنى مۇۋاپىق ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەلگەن.