Chinese→Uyghur主要词典
俾斯麦
دۇنيا تارىخى
بىسمارك
(1815 - 1889) پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1871 - 1890). يۇنكېر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1832-يىلىدىن باشلاپ گىتتىنگېن، بېرلىن داشۆسلىرىدە ئوقۇغان. 1835-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۈلكىي ئەمەلدار بولغان. 1847-ىلى پرۇسسىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1851 - 1858 - يىللىرى پرۇسسىيىنىڭ فرانكفۇرت فېدېراتىپ پالامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 1859 - 1861-يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى ۋە فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1863-يىلى پرۇسسىيە باش ۋەزىرى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. يۇنكېر پومېشچىكلار ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى تازا كۈچەپ قوغداپ، <تۆمۈر قان سىياسىتى> نى قوللانغان، زوراۋان ھۆكۈمرانلىقلا ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇڭا <تۆمۈر قوللۇق باش ۋەزىر> دەپ نام ئالغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ دانىيە ئۇرۇشى ئۇرۇشى (1864)، پرۇسسىيە ( ئاۋستىريە ئۇرۇشى) 1866( ۋە پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى )1870 - 1871( نى قوزغاپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئورۇندىغان. 1871-يىلى 1-ئايدا، گېرمانىيە ئىمپرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قوشۇمچە ئىمپېرىيە باش ۋەزىرى بولغان. شۇ يىلى پارىژ كوممۇنىسىنى باسۇرۇشقا قاتناشقان. 1878-يىل 10-ئايدا، <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> نى جاكارلاپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ھەدەپ باستۇرغان. سىرتقا قارىتا چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى< نى يولغا قويۇپ، روسىيە بىلەن ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى ئۆزىگە تارتىپ فرانسىينى يەنىمۇ يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1873-يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، روسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ پادىشاھلىق ئىتتىپاقىنى تۈزگەن 1879-يىلى >گېرمانىيە - ئاسترىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى< نى ئىمزالىغان، 1882-يىلى يەنە گېرمانىيە، ئاۋستىريە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپادا تۇنجى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق گۇرۇھى شەكىللەنگەن. 80-يىللاردا، ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدا مۇستەمىلىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكنى يولغا قويغان. كېيىن گېرمانىيە كورۇلى ۋىلھېلم Ⅱ بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن، ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ >ئەسلىمە ۋە ئوي - پىكىر< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bǐ sī mài
بىسماركDئۇنىۋېرسال
bǐ sī mài
بىسمارك