Chinese→Uyghur主要词典
笔石
بىئولوگىيە
گراپتولىتىنا
<قەمەلتاش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قەدىمكى ئومۇرتقىسىز ھايۋان بولۇپ، بۇرۇن ئۈچەي قورساقلىق ھايۋان دەپ تونۇلۇپ كەلگەن، ھازىر بولسا ئېغىز خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر سىنىپىغا تەۋە قىلىنغان. بەدىنى تۆرەلمە نەيچىسى ۋە ھۈجەيرە نەيچىلىرىدىن تۈزۈلگەن. تۆرەلمە نەيچىسى بىر كونۇسسىمان تەندىن ئىبارەت بولۇپ، گراپتولىتىنانىڭ تۇخۇمىدىن چىققان ۋاقتىدىكى ئىپتىدائىي بۆلۈمچە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تۆرەلمە نەيچە بىخىدىن ئۆسۈپ چىققان ھۈجەيرە نەيچىلىرىدە تۇرۇپ يېتىلىپ كولونىيىگە ئايلىنىدۇ. ئادەتتە ھۈجەيرە نەيچىلىرىنىڭ خىتىنلىق سىرتقى قېپى تاش قالدۇققا ئايلىنىپ ساقلانغان. گراپتولىتىنا تەنىسى نۇرغۇنلىغان گراپتولىتىنا قۇرتلىرىنىڭ كولونىيىلىشىپ ياشايدىغان بىر بىرلىكى. ئىپتىدائىي گراپتولىتىنانىڭ تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بىر گراپتولىتىنا تەنىسى ناھايىتى كۆپ گراپتولىتىنا شاخچىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئاندىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بىر گراپتولىتىنا تەنىسى بىرلا شاخلىق ھالەتكە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ئازىگوگراپتۇس (Azygograptus) جىمجىت دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدۇ. كۆپ ساندىكى تۈرلىرى سۇ ئېقىنىغا ئەگىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ، بەزىلىرى مۇقىملىشىپ ياشايدۇ. ئىككى ئەترەتكە بۆلۈنىدۇ؛ شاخسىمان گراپتولىتىنا ئەترىتى، دەسلەپ كىمبرىي دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن تېپىلغان تاش كۆمۈر دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن؛ تۈز گراپتولىتىنالا ئەترىتى دەسلەپ ئوردوۋىك دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدىن تېپىلغان، دېۋون دەۋرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشى تېز، تارقىلىشى كەڭ بولغاچقا زور كۆپچىلىك تۈرلىرى مۇھىم ئۆلچەملىك تاش قالدۇق ھېسابلىنىدۇ.
گىئولوگىيە,تەبىئىي جۇغراپىيە
bǐ shí
گراپتولىتDئۇنىۋېرسال
bǐ shí
گراپتولىن