Chinese→Uyghur主要词典
冰上激战
دۇنيا تارىخى
مۇز ئۈستىدىكى شىددەتلىك جەڭ
مۇزلۇق كۆل ئۈستىدىكى جەڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1242-يىل ئەتىيازدا رۇسلارنىڭ گېرمانىيە تېوتون رىتسارلار پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى. 1240-يىلى تېوتون رىتسارلار پولكى دانىيە، شۋېتسىيە فېئوداللىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، رۇسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي تىياۋدۇن رىتسارلار پولكى پىسكوو شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە داۋاملىق شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەپ، نوۋەورود شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن. وۋگورود كىنەزى ئالېكساندر نېۋىسكىي نوۋگورواد شەھىرى بلەن سوزدال شەھىرىدىكى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن پېسكوۋ شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان. كېيىن ئىككى تەرەپ 1242-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى چود كۆلىدىكى مۇز ئۈستىدە شىددەتلىك جەڭ قىلغان. نوۋگورود غەلىبە قىلىپ، رىتسارلاr پولكىدىن 400 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 50 كىشىنى ئەسىر ئالغان، ھەمدە رىتسارلار پولكىنى روسىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى جەڭ گېرمان فېئوداللىرىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توسقان.