Chinese→Uyghur主要词典
秘鲁总督辖区
دۇنيا تارىخى
پېرۇ باش ۋالىيسىغا قاراشلىق رايون
ئىسپانىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە ئورناتقان مەمۇرىي تەشكىلات. دەسلەپ 1542 - يىلى ئورنىتىلغان. ⅩⅥ - ⅩⅦ ئەسىرلەردە، ۋېنسۇئېلانى ھېسابقا ئالمىغاندا، جەنۇبىي ئامېىركىدىكى ئىسپانىيىگە تەۋە مۇستەملىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە پاناما بوغۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. باش ۋالىي تۇرۇشلۇق جاي لىمادا تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇنىڭ قارمىقىدا پاناما، بوگوتا، كىتو، لىما، چاركاس (ھازىرقى بولىۋىيە)، سانتىياگو ۋە بوئېنوس ئاريىس قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرگۈچى سوت تەۋەلىك رايونى قۇرۇلغان. ⅩⅧ ئەسىردە خارابلىشىشقا باشلىغان، يېڭىۋاشتىن يېڭى گرانادا باش ۋالىيغا قاراشلىق رايون (1739) قۇرۇلغان ۋە پالاتا باش ۋالىيىسىغا قاراشلىق رايون (1776) تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئاران پېرۇ، چىلى، كىتو (ھازىرقى ئېكۋادور) دىن ئىبارەت ئۈچ جاينىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1824-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئىسپانىيىگە تەۋە مۇستەملىكىلەردىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر باش ۋالىيغا قاراشلىق رايون مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان.