Uyghur主要词典
بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى
领域: بىئولوگىيە<ئۆرە تۇرالايدىغان بېيجىڭ ئادىمى> (Homo erectus pekinensis) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە <بېيجىڭ ئادىمى> (peking man) دەپ ئاتىلىدىغان مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاشقا ئايلانغان قالدۇقىدۇر. 1927 - يىلى بىرىنچى قېتىم مەملىكىتىمىزدە بېيجىڭنىڭ جۇكودىيەن لۇڭگۇشەن ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان. 9291 - يىلىدىن كېيىن، 1937 - يىلىغىچە كۆپلەپ قېزىۋېلىنغان تاشقا ئايلانغان ئىسكىلىتلار بەش دانە سۈڭىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن يەنە بىر دانە باش سۆڭىكى تېپىلدى. بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ئۇنىڭدىكى ئەر - ئايال قېرى ياش بولۇپ، 40 تىن ئاتۇق شەخسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ مول بولغان تاشقا ئايلانغان ماتېرىيالىدۇر. بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىنىڭ ياشىغان گېئولوگىيىلىك يىللىرى ئوتتۇرا تۆتىنچى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە مەمسۇپ بولۇپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى مايمۇنسىمان ئادەم باسقۇچىدۇر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。