Chinese→Uyghur主要词典
彼得一世改革
دۇنيا تارىخى
پېتر Ⅰ ئىسلاھاتى
چار پادىشاھى پېتىر Ⅰ پومىشچىكلار سىنىپى ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىسلاھات. سىياسىي جەھەتتە ئاقسۆڭەكلەر دۇماسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زوراغالىق مەھكىمىسى (1711) نى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ تارمىقىدا 11 كومېتىتى قۇرۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيسى، دىپلوماتىيە ۋە مالىيە قاتارلىقلارنى باشقۇرغان. چوڭ ئېپىسكوپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىنىپ پالاتا قۇرۇپ، چېركاۋلارنى چار پادىشاھقا بويسۇندۇرغان. تۆھپىسىگە قاراپ ئەمەل بىرىپ، ئائىلە كېلىپ چىقىشى بويىچە ئۆستۈرۈش، يۆتكەش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. پۈتۈن مەملىكەتنى دەسلەپكى قەدەمدە سەككىز مەمۇرىي رايونغا بۆلگەن. كېيىن 47 ئۆلكە قىلىپ قۇرۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا باش گوبىرناتور ۋە گوبىرناتور تەيىنلىگەن. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن. ھەربىي ئىشلارجەھەتتە، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرغان، ئەسكەر قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەربىر ئائىلىدىن ئەسكەر ئالغان. پېتر Ⅰ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئاخىرقى يىللىرى 200مىڭ كىشىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيسىسى ۋە 48 ئۇرۇش پاراخوتىغا ئىگە دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، مېتاللۇرگىيە، توقۇمچىلىق ۋە كۆنچىلىك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان؛ سودىگەرلەرنى زاۋۇت - كانلارغا مەبلەغ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن؛ پۈتۈن يېزىدىكى يانچىلارنى سېتىۋېلىپ زاۋۇتلاردا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان؛ چەت ئەللىك تېخنىكلارنى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلغان؛چەت ئەللىكلەرنىڭ روسىيەدە زاۋۇت ئېچىشىغايول قويغان. يانچىلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈتۈن بېجىنى ئادەم بېشىغا ئېلىنىدىغان باجغا ئۆزگەرتكەن، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت جەھەتتە، پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدىن ھەربىي، مەمۇرىي تايانچىلارنى يېتىشتۈرگەن، رۇس يېزىقىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۇنجى نۇسخا رۇس يېزىقىدىكى <ئاخباراتگېزىتى> نى نەشىر قىلدۇرغان، چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقارغان، دوختۇرخانا، تىياتىرخاناقاتارلىق ئورۇنلارنى ئاچقان. شۇ ئارقىلىق ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي كۈچ ۋە ھوقۇق مەركەزلەشكەن فېئودال ئستىبداتلىق تۈزۈمىنى كۈچەيتكەن.