Chinese→Uyghur主要词典
彼得留法
دۇنيا تارىخى
پېتېلى قانۇنى
يەنى <پېتېلى - پاپىرىئو قانۇنى> قەدىمكى رىمدا ئاددىي پۇقرالارغا قارىتىلغان قەرزدار قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ھەققىدە چىقىرىلغان بىر قانۇن. مىلادىدىن 326 يىل ئىلگىرى (يەنە بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن 313 يىل ئىلگىرى) ئارخون پېتېلى بىلەن پاپىرىئو ئوتتۇرىغا قويغان. ئاساسلىق مەزمونى: قەرزنى ھۆددە قىلىش ياكى قايتۇرۇپ بېرىشتە قەرزدارنىڭ جىسمى ئەمەس، بەلكى مال - مۈلكى بولۇشى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت. قەدىمكى رىم تارىخچىسى لىۋىنىڭ خاتىرە قالدۇرۇشىچە، ئىلگىرى قەرزدار بولۇپ قۇللۇق ئورنىغا چۈشۈپ قالغانلار قويۇۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن قەرزدار بولغان رىم پۇقرالىرىنى قۇل قىلىش مەنئىي قىلىنغان. بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى نامەلۇم. بۇ ئىش رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پۇقرالارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشىنىڭ بىر قېتىملىق مۇھىم غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.