Chinese→Uyghur主要词典
表象
پسىخولوگىيە
تەسەۋۋۇر
بۇ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ خاتىرىدە ساقلانغان ئوبرازى (ياكى سۈرىتى). شۇڭا ئۇ «خاتىرە تەسەۋۋۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئىدراك ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھېسسىي ئوبراز، ئۇ خاتىرىنىڭ بىر خىل مەھسۇلى بولغانلىقتىن ئەسلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قالدۇق تەسۋىرگە ئوخشىمايدۇ. تەسەۋۋۇر ئوبيېكتىپ شەيئى ئوبرازىنىڭ يادىمىزغا كېلىشىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى پەم بىلەن ئوبرازدۇر. لېكىن ئۇ ئىدراكى ئوبرازدەك ئېنىق، مۇكەممەل ۋە تۇراقلىق ئەمەس. ئومۇمەن تەسەۋۋۇر ئىلگىرىكى بىر خىل ياكى بىر تۈردىكى شەيئىلەرنى كۆپ قېتىم ئىدراك قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ ھەمدە تىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ يەنە ئومۇملاشتۇرۇلغان بولىدۇ. تەسەۋۋۇردا بىر خىل شەيئىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئومۇمىي تەسۋىرى ئەكس ئېتىلىدۇ، يەنە مەلۇم شەيئىگە خاس ئالاھىدىلىكىنىڭ ئايرىم تەسۋىرىمۇ ئەكس ئېتىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتىدىكى ئانالىزاتورلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا ئاساسەن، كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى، تېگىش سەزگۈسى، ھەرىكەت سەزگۈسى قاتارلىق ئايرىم سەزگۈلەرنىڭ خاتىرە تەسەۋۋۇۇلىرىغا بۆلىنىدۇ، تەسەۋۋۇر خاتىرىنىڭ مۇھىم فورمىسى، خىيال ئۈچۈن شەرت ماتېرىيال، تەسەۋۋۇر بولغاندىلا، كىشلەر ئىلگىرىكى بىلىش نەتىجىلىرىنى يادىغا كەلتۈرەلەيدۇ، ئىلگىرىكى شەيئىلەر بىلەن ھازىرقىسىنى سېلىشتۇرالايدۇ، پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ. تەسەۋۋۇر كىشلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىۋاسىتە سېزىپ ئىدراك قىلىشىدىن ئابىستراكىت تەپەككۇرغا ۋە ئىجادىي خىيالغا ئۆتۈشىدىكى شەرت، ئارىلىق ھالقا.
فىزىكا
P表象
biǎo xiàng
P ئوبرازDئۇنىۋېرسال
biǎo xiàng
تاشقى كۆرۈنۈش، تاشقى قىياپەت؛ ھادىسە، ئەھۋال؛ تەسەۋۋۇر، قىياس، ئىپادە، ئىنكاس، ئوبراز، سۈرەت، تەسۋىر
Dتەنتەربىيە
biǎo xiàng
ئوبراز، تاشقى قىياپەت، تەسەۋۋۇرDمائارىپ
biǎo xiàng
تەسەۋۋۇر، ھېسسىي ئوبرازDئىستېتىكا
biǎo xiàng
تەسەۋۇر؛ ھېسسىي ئوبرازDتېببىي
biǎo xiàng
ئاشكارىلىماقDتېببىي
biǎo xiàng
ئاشكارىلىماقDتېببىي
表象{心理}
biǎo xiàng
ئاشكارىلىماق، كۆرۈنمەك، تەسەۋۋۇر (پسىخولوگىيە)