Chinese→Uyghur主要词典
扁形动物
بىئولوگىيە
ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار
ھايۋانلار دۇنياسىدىكى بىر تىپ. بەدىنىنىڭ ئىكى تەرىپى سىممېترىك، دۈمبە - قورساقلىرى ياپىلاق، تېنى بوغۇملارغا بۆلۈنمەيدۇ. ئۈچ تۆرەلمە قەۋەتلىك، مېزوبلاستى ھاسىل قىلغان پارمېنخىما توقۇلمىسى سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ساقلاش فۇنكسىيىسىگە ئىگە. ئۇنىڭ تەن دىۋارى ئېكتوبلاستىدىن شەكىللەنگەن ھالقا مۇسكۇل، ئوزۇن تالا مۇسكۇل، قىياش مۇسكۇللارنىڭ ئۆزئارا زىچ چاپلىشىشىدىن تۈزۈلگەن <تېرە مۇسكۇل خالتىسى> دىن ئىبارەت. ھەزىم قىلىش يولىدا ئانۇس بولماي، يالقۇنسىمان ھۈجەيرە، كاپىلليار نەيچە ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش نەيچىلىرىدىن تەركىب تاپقان چىقىرىش سىستېمىسى بولىدۇ. ئادەتتە قوش جىنسلىق، تۇراقلىق كۆپىيىش بەزلىرى (ئۇرۇقدان، تۇخۇمدان)، بەلگىلىك كۆپىيىش نەيچىلىرى ۋە بىر قاتار قوشۇمچە بەزلەردىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ كۆپىيىش سىستېمىسى بولىدۇ. شوتىسىمان نېرۋا سىستېمىسى، ئەركىن ياكى پارازىت ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ تىپقا كىرىدىغانلاردىن پلانارىيىلەر سىنىپى، كۆپچىلىكى ئەركىن ھايات كەچۈرىدىغان تۈرلەر، دېڭىز سۇلىرىغا، تاتلىق سۇلارغا ياكى نەم توپىلارغا تارقالغان؛ شورىغۇچىلار سىنىپى ۋە تاسما قۇرتلار سىنىپى بۇلارنىڭ ھەممىسى پارازىت ھايات كەچۈرۈپ باشقا ھايۋاننىڭ بەدەن سىرتىدا ياكى ئىچىدە ياشايدۇ. شۇ ھايۋاننىڭ ئوزۇقلۇقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، بۇلار ئىچىدە نۇرغۇن تۈرلىرى ئادەم بەدىنى، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرى ۋە بېلىقلارنىڭ بەدىنىدە ياشايدىغان پارازىت قۇرتلار.
ئۇنىۋېرسال
biǎn xíng dòng wù
ياپىلاق تەنلىكلەر