Chinese→Uyghur主要词典
变温动物
تەبىئىي جۇغراپىيە
biàn wēn dòng wù
ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارDئۇنىۋېرسال
biàn wēn dòng wù
بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆزگىرىشچان ھايۋانلار
Dدېھقانچىلىق
biàn wēn dòng wù
ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋان
بىئولوگىيە
ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار
قۇشلار ۋە ئېمىتكۈچىلەردىن باشقا زور كۆپ ساندىكى ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى سىرتقى مۇھىت تېمپراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. بۇ ھايۋانلار ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار ياكى سوغۇق قانلىق ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزلۈكىدىن تەڭشەش (<بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش> كە قارالسۇن) تۈزۈلۈشى بولمايدۇ، پەقەت ئۆز بەدىنىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بەدەن ئىسسىقلىقىنىڭ تارقىلىشىنى تەڭشەش ياكى سىرتقى مۇھىتتىن ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ. بۇنداق ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش شەكلى <ھەرىكىتى ئارقىلىق تەڭشەش> دېيىلىدۇ. سىرتقى مۇھىتتىكى تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە ئۇلارنىڭ مېتابولىزم ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ قوشۇلۇپ ئۆرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سالقىن جايلارغا مۈكۈنۈپ بەدەن ئىسسىقلىقىنى تارقىتىدۇ؛ سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە ئۇلارنىڭ مېتابولىزم ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلەپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى بەدەن سىرتىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارىغا تەڭ كېلەلمەي قالىدۇ - دە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاپتاپ سىنىپ قۇياشنىڭ رادىئاتسىيىلىك ئېنېرگىيىسىنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ياكى كامارلاردا ئۈچەككە كىرىدۇ. ئۈچەك مەزگىلىدە ھايۋانلار پالەچ ھالەتتە بولۇپ، مېتابولىزم ئۈنۈمى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشىدۇ، ئوكسېگىن سەرپىياتى ۋە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ چىقىرىلىشى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ. نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك سوقۇش (رىتىمى) تۆۋەنلەيدۇ، قان ئېقىمى سۇسلايدۇ ۋە باشقىلار. سىرتقى مۇھىتتىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ بىللە ئۆرلىگەن چاغدىلا ئاندىن ھايۋانلارنىڭ پائالىيىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ.