Chinese→Uyghur主要词典
变态反应
بىئولوگىيە
ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى
پەۋقۇلئاددە سېزىشچانلىق رېئاكسىيىسى دەپمۇ ئاتىىدۇ. ئورگانىزم ئوخشاش خىلدىكى ئانتىگېننىڭ قايتا غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ھاسىل قىلغان بەدەن سۇيۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ياكى ھۈجەيرە خاراكتېرىدىكى غەيرىي نورمال ئىممۇنىتېت رېئاكسىيسى. ئۇ توقۇلمىلاردا زەخىمىلىنىش ياكى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئورگانىزمغا پايدىسىز، بۇ رېئاكسىيە پەقەت ئاز ساندىكى قېنى زىيادە سەزگۈر كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئانتىگېن ئانافىلاكتوگېن ياكى ئاللېرگىن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ مۇكەممەل ئانتىگېن (مەسىلەن غەيرىي خىلدىكى قان زەردابى ئاقسىلى، غەيرىي تەن توقۇلما ھۈجەيرىسى، مىكرو ئورگانىزم قاتارلىقلار) بولۇشىمۇ مۇمكىن، يېرىم ئانتىگېن (مەسىلەن پېنتسىللېن قاتارلىق دورا ۋە خام لاك قاتارلىق تۆۋەن مولېكۇلىلىق ماددىلار) بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى تۆت تىپقا بۆلۈنىدۇ. (1) Ⅰ تىپلىق ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى، بۇ زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كۆرۈلۈشى نىسبەتەن تېز، مەسىلەن، پنتسېللىنغا زىيادە سەزگۈر بولۇش كېسىلى قاتارلىقلار؛ (2) Ⅱ تىپلىق ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى، بۇ ھۈجەيرە ئېرىش تىپلىق ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى، مەسىلەن، قان بېرىش رېئاكسىيسى؛ (3) Ⅲ تىپلىق ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى، بۇنى ئانتىگېن - ئانتىتېلا مۇرەككەپ ماددىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا ئىممۇنىتېتلىق مۇرەككەپ ماددا كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكتېرىدىكى بۆرەك كىچىك شارچىسى ياللۇغى، رېماتوئىدا قىزىتمىسى قاتارلىقلار؛ (4) Ⅳ تىپلىق ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى، بۇ كېچىكىپ قوزغىلىدىغان ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تارقىلىشچان ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى، تېگىشىش خاراكتېرىدىكى تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار Ⅰ، Ⅱ، Ⅲ تىپلىق ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىلىرى ئانتىتېلا بىلەن ئانافىلاكتوگېننىڭ بىرىكىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. Ⅳ تىپلىق ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى ئىممۇنىتېتلىق لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ رېئاكسىيىگە قاتنىشىشىنىڭ نەتىجىسى.
ئۇنىۋېرسال
biàn tài fǎn yìng
ئاللېرگىيە
Dخىمىيە
biàn tài fǎn yìng
ھالەت ئۆزگىرىش رېئاكسىيىسى ، ئاللېرگىيەDتېببىي
biàn tài fǎn yìng
ھالەت ئۆزگىرىش رېئاكسىيىسى، ئاللېرگىيەDتېببىي
biàn tài fǎn yìng
ئاللېرگىيىلىك رېئاكسىيە