Uyghur主要词典
بىھۇدە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نەتىجىسىز، پايدىسىز:
بىكاردىن، بولار - بولماس:
1. بىلمىدىم ئەھدى يوقتۇرۇر مەيلىڭ ماڭا ئەي پۇرجەفا،
بىھۇدە كۆيمەك ساڭا بۇ داغى ھىجرانىم نەسۇد.
قەلەندەر.
2. ئۆيى فەلان يەردە ۋەلىي بارماغىل،
بىھۇدە بۇ يولدا يۈرۈپ ھارماغىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورۇنسىز، نەپ - مەنپەئەتسىز.
بىكار ياتقاننىڭ بۆرىكىنى ماي قاپلار. ئەجەل ئوق ئاتقاندا قاچقىنىڭ بىكار، ئېغىناپ ئالتۇندا ياتقىنىڭ بىكار، تەكشۈردۈم ئالەمنى ....ياخشىلىق ياخشى، بۇنىڭدىن باشقا، گەپ ساتقىنىڭ بىكار. تۈنلەر باشتىن ئاياغ ئۇيقۇدا ئۆتسە، ئەجەب ئەمەس يېرىم ئۆمۈر بىھۇدە كەتسە. خۇن ئىش - بىھۇدە ئىش، بىكار ئىش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
پايدىسىز، مەنپەئەتسىز، بىكار.
مەن بىھۇدە زايە بولغان ئاشۇ ئون يىلغا ئېچىنىمەن.
ئورۇنسىز، ناھەق.
ئۇ ئۆزىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپتۇ.
مەززىسىز، كېلىشمىگەن، ئاساسسىز، بولمىغۇر.
ئالىم بىھۇدە گەپلەرنى كۆپ قىلىپ كەتتى.