Uyghur主要词典
بېھستۇن ئويما يېزىقى
دۇنيا تارىخى
پىسۇتۇن ئويما يېزىقى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنڭ پادىشاھى دارا ئورناتقان، تۆھپىسى ئويۇلغا تاش ئويما. قەدىمكى پارس، يېڭى ئېلام ۋە بابىل يېزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مىخ يېزىق بىلەن قەدىمكى پايتەخت ئېكباتانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بېھىستۇن چوڭ قىيا تېشىغا ئويۇلغان. بۇنىڭدا دارىئۇسنىڭ گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشى ۋە جايلاردىكى ئىسيانلارنى باستۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختنى تارتىۋېلىش جەريانى خاتىرىلەنگەن. ئويمىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىسىغا دارىئۇسنىڭ ۋە ئۇ مەغلۇپ قىلغان توققۇز ئاسىي باشلىقنىڭ قولى باغلانغان قاپارتما سۈرىتى ئويۇلغان. دارىئۇس ھەربىر قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى ئېلاھ ئاھۇرا. مازادا (پارسچە ahura Mazda، يۇنانچە Ormasd نىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا قولغا كەلتۈردۇق، دېگەن. بۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ مۇھىم پارىس ئويما يېزىقى بولۇپ، قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيە تارخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 1835-يىلى ئەنگلىيە ئالىمى راۋالىنسون ئىراننىڭ غەربىدىكى كېرماشاھنىڭ يېنىدىن تاپقان ھەمدە نۇسخا چۈشۈرۈۋالغان. 1847-يىلى ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى قەدىمكى پارىس يېزىقىدىكىسىنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرگەن. كېيىن ئۇنى بابىل يېزىقىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يەنە ئاسۇرىيە، بابىل مىخ يېزىقىدىكىسىنى ئوقۇپ چىققان.