Uyghur主要词典
بىگىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇچى ئۇچلۇق، توم تەرىپىدە تۆشۈكى بار، تۆشۈكىگە يىپ - چىگە ئۆتكۈزۈپ نەرسە تىكىدىغان سايمان.
بۇلارنىڭ خىزمىتى ئوخشاش، تىكىدىغان نەرسىسى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس.
<يىڭنە، بىگىز، جۇۋالدۇرۇز، تېمىنە> تۆمۈردىن، دەرەپشە، دەرەش يولغۇن ياغىچىدىن ياسىل
بىر يىڭنىگە ئىككى يىپ ئۆتمەس. يىڭنە سانجىغاندەك. يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازماق. بىگىز قاپتا ياتماس. نائۇستا موزدۇز جۇۋالدۇرۇز تاللايدۇ. ئون يىڭنىنى سوقسا، بىر تېمىنە بولماس. دەرەپشە ئۇچىلىققا يارىتىلغان. دەرەش ئىنچىكە بولسا، ئىش ئىلگىرىلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
موزدوزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان، مېتالدىن يېڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب.
بىگىز سانجىماق.