Uyghur主要词典
بىگانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يات كىشى، ناتونۇش:
ئايرىلغان، ئازغان، نادان:
باشقا يۇرتلۇق، چەت ئەللىك:
چىلتەن ئىدى جەنانە، بامۇ ھەمراھ - 1. ھەمخانە،
يولۇقتىمۇ بىگانە، يولىڭىزدە دېدىيا.
موللا مۇھەممەت نىيازى.
2. گەرچە شەرىئەتتە چۇ بىگانە مەن،
ئەھلى تەرىقەت بىلە ھەمخانە مەن.
ئەھمەدى.
3. قالۇر، ئاكىم، تەخت بىگانەگە،
خەلەف بىزدە يوق قالغۇسى يىگانە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يات، يوچۇن، باشقا، نامەلۇم، تونۇمىغان، تونۇش ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېرىنداشلىقى يوق؛ ناتونۇش.
يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە. ياتنىڭ يېغى يوق. يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇن، كىرەلمەيسەن پۇل يوق ئۈچۈن. بىگانىلەرنىڭ قولىغا قارىغۇچە، ئىشلەپ تاپقان ئەلا. غەيرىي بىرىنىڭ ئوچۇقىدىن ئۆزۈڭنىڭ چىرىغى ئىسسىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يېزت. يات، ناتونۇش.
نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىگانە كىشىنى ئۆيۈمگە يېقىن كەلتۈرۈسىلەر؟! - دەپ توۋلاپتۇ ئايخان.
مۇساپىر؛ غېرىب.
يارنىڭ كويىدا مەن دىۋانە بولدۇم ئاقىۋەت، خەلق ئارىسىدىن چىقىپ بىگانە بولدۇم ئاقىۋەت.
ئايرىلغان، جۇدا بولغان.
ئانار يۈزۈڭگە، مەستانە بولدۇم، ئەقلى ھوشۇمدىن بىگانە بولدۇم …