Uyghur主要词典
بەز مارىغان مۈشۈكتەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاچ كۆزلۈك، تەمەخورلۇق بىلەن.
غۇلام: - مانا ئەمدى ئالدىڭىزغا ئاش كەلگەندە، بەز مارىغان مۈشۈكتەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىڭىز نېمىسى؟ - دېدى ئادىلغا.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ئاچ كۆزلۈك، تەمەخورلۇق، شەھۋەتپەرەسلىك ھەققىدە ئىشلىتىلىدىغان ئىبارە: گۈلسۈم ھەر قېتىم بىرەر نەرسە كۆتۈرۈپ مېھمانخانىغا كىرگەندە تالىپبەگ خۇددى بەز مارىغان مۈشۈكتەك، خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي تۇرۇۋالاتتى.