Uyghur主要词典
بەز يېگەن مۈشۈكتەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
لام - جىم دېمەي، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي: - نېمە بەز يېگەن مۈشۈكتەك قاراپ تۇرىسىز، گەپ قىلسىڭىزچۇ، - دېدى ئامىنە يولدىشى ئابلىمىتكە يىغلامسىراپ تۇرۇپ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىرەر ئىش، گەپ - سۆز ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمەي تۇرۇۋالىدىغان كىشىلەرگە قارىتا قوللىنىلىدىغان ئىبارە: - نېمە بەز يېگەن مۈشۈكتەك قاراپ تۇرىسىزغۇ، گەپ قىلسىڭىزچۇ، دېدى ئامىنە يولدىشى ئابلىمىتكە يىغلامسىراپ تۇرۇپ.