Uyghur主要词典
بەزگەك پلازمودىيىسى
بىئولوگىيە
سپورىلىقلار سىنىپى، بەزگەك پلازمودىيىسى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ خوجايىندا بەزگەك كېسىلىنى قوزغايدۇ. ئادەم بەدىنىدە پارازىتلىنىدىغان بەزگەك پلازمودىيىسى كۈن ئارىلاپ تۇتىدىغان بەزگەك پلازمودىيىسى (p.vivax)، ئۈچ كۈندە بىر تۇتىدىغان بەزگەك پلازمودىيىسى (p.malariae) يامان خاراكتېرلىك بەزگەك پلازمودىيىسى ( p.falciparum) ۋە تۇخۇم شەكىللىك بەزگەك پلازمودىيىسى ( p.ovale) دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك بولۇپ، بۇلار پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. دۆلىتىمىزدە كۈن ئارىلاپ تۇتىدىغان بەزگەك كۆپ ئۇچرايدۇ، ۋاسىتىچىسى ئانوفېلېس پاشىسى. ھايات تارىخى ئادەم بەدىنى ۋە پاشا تېنىدىكى بىر قاتار يېتىلىش جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ سپوروزوئىدلىرى يۇقۇملانغان ئانوفېلېس پاشىسىنىڭ شۆلگىيى بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىگە، ئالدى بىلەن جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە كىرىپ جىگەر ھۈجەيرە ماددىلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىپ، مۇرەككەپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق بۆلۈنىدۇ ۋە كۆپىيىپ كىرىپتوزوئىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن قان ھۈجەيرىلىرى ياكى باشقا بۇزۇلمىغان جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە كىرىدۇ. كرىپتوزوئىدلار قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدە يېتىلىپ مۇرەككەپ بۆلۈنۈپ كۆپىيىش ئارقىلىق بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ، مېزوزوئىدلارنى ھاسىل قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىگە يەنە كىرىپ بۇزۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم بەدىنىدە يەنە جىنسلىق كۆپىيىشنىڭ دەسلەپكى يېتىلىش دەۋرىنى ئېلىپ بېرىپ چوڭ - كىچىك گامېتا ئانا ھۈجەيرىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، چىشى پاشا قان سۈمۈرگەندە كېسەلنىڭ قان سۇيۇقلۇقى بىلەن بىللە پاشا تېنىگە كىرىپ، پاشا تېنىدە جىنسلىق كۆپىيىشنى تاماملاپ زىگوتا شەكىللەندۈرۈىدۇ. ئاندىن سپورىلىق كۆپىيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم بۆلۈنۈش ئارقىلىق نەچچە يۈزدىن 10 مىڭغىچە بولغان سپوروزوئىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بەزگەك پلازمودىيىسىنى ئېلىپ يۈرگەن ئانوفېلېس پاشىسى ئادەمنى ەينە چاققاندا يەنە ئادەم تېنىگە كىرىدۇ. قىزىل قان دانىچىسىنى كۆپلەپ بۇزۇپ قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىگەر، تاللارنى ئىششىتىپ ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ھەتتا، ئۆلۈم خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزگەكتىن مۇداپىئەلىنىشتە كېسەلنى داۋالاش بىلەن پاشا يوقىتىشنى بىللە ئېلىپ بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە بەزگەككە قارشى ئىممۇنىتېتلاش تەتقىقاتى تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا.