Uyghur主要词典
بەختىيار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەختى بار، بەخت - سائادەتكە ئېرىشكەن، تەلىيى كەلگەن، بەخت - تەلەي يار بولغان.
بەخىتلىككە يۇرتىنىڭ ھەممىسى بەختلىك كۆرۈنەر. تەلەيلىك تەرىدىن بىلىنەر. سائادەتمەن ئادەم شەھۋانىيەتكە بېرىلمەس. تېنى ساق ئادەم - دۆلەتمەن ئادەم. كىمنىڭ ياخشى نامى قالسا يادىكار، ئەرزىيدۇ دۇنيادىن كەتسە بەختىيار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۇرمۇشتىن رازى، مەمنۇن، خۇشال ئۆتۈۋاتقانلىق ھېسسى.
بەختسىز، بەتبەخت، بەختى قارا، شۇم (شور) پېشانە
تۇرمۇشتا بالا - قازاغا ئۇچرىغان، غەم - قايغۇدا ئۆتۈۋاتقانلىق ھېسسى.
بەختلككە ئەقىلنىڭ نېمە كېرىكى، ئەقلى يوققا بەختنىڭ نېمە كېرىكى. سائادەتمەن شەھۋانىيەتكە بېرىلمەس. بەتبەختنىڭ يۈزى قارا. دۇنيادا ئوتتۇرىدا قېلىشتىن ئارتۇق بەختسىزلىك يوق. بەختىيارنىڭ كېمىسى قۇرۇق يەردىمۇ ئۈزىدۇ. ئۇ قىز بەختى قارا بولۇپ قالدى. شور (شۇم) پېشانىنىڭ تەلىيى كاج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. بەختكە تولغان، ئامەت، تەلىيى كەلگەن، پاراۋان، تەلەيلىك.
بەختىيار بالىلار.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
بەختىيارخان
بەختى بىللە
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە-پارىسچە)
سائادەت، قۇت، ئىستىقبال يار بولغان بالا ياكى شات، قوۋناق كىشى.