Uyghur主要词典
بەخت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شادلىق، مەمنۇنىيەتلىك ئارمانسىزلىق؛ ئامەت، تەلەي؛ ئىقبال، تەقدىر؛ بەخت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۇرمۇشتىن رازىلىق، مەمنۇنلۇق، خۇشاللىق، ئىستىقباللىق ھېسسى.
بالا، قازا، بالا - قازا، ئاپەت، كۈلپەت
ئوڭۇشسىزلىق، مۇسىبەت، ۋەيرانىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان قىسمەت.
بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قارا جۈپنى تاق قىلىدۇ. رەختىڭگە ئىشەنمە، بەختىڭگە ئىشەن. بەختى بارنىڭ رەختى يوق، رەختى بارنىڭ بەختى يوق. سائادەت ئىشىكتىن كىرسە، يوقسۇزلۇق مورىدىن چىقار. بىر كىشى ئۈچۈن بولسا بىر ھۈنەر، ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. دۆلەت كەلسە ھۇشيار بول، ئاپەت كەلسە قەيسەر. بەختتىن كۈلپەت يۈگۈرۈك. سائادەت كېلىپ، قازا كەتسۇن. بالا - قازا ئادەمنى ساقلاتقۇچە بالدۇرراق كەلسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كىشىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىن رازى بولغانلىقى، ئارمانسىزلىق، خۇرسەنلىك ھالىتى.
دوستىنىڭ بەخت ئۈچۈن ئازاب چېكىشمۇ بىر بەخت.
ئامەت، تەلەي، ئىقبال.
ۋاقىتنىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى (ماقال).