Uyghur主要词典
بەتخەج
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇل - مال، نەرسە - كېرەكنى ئورۇنسىز خەجلەپ، بۇزۇپ - چاچىدىغان.
بېخىل ئاتىنىڭ ئوغلى بەتخەج بولار. ئىسراپخور دۆلەت پۇلى بىلەن مەردلىك قىلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پۇل - مالنى بۇزۇپ چېچىپ زايا قىلىدىغان. ئىسراپخور ئادەم، بەتخەج بالا
ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك
پۇل - مالنى تېجەپ ئىشلىتىدىغان، ئىقتىسادقا رىئايە قىلىدىغان. ئىقتىسادچىل ئادەم، تېجەشلىك ئانا
بەتخەجلىك بەتبەختلىك بىلەن بىر مەنىدە. ئىشچاننىڭ پۇلى تۈگىمەس، بەتخەجنىڭ قەرزى (تۈگىمەس). تېجەشلىك ئادەم قىيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر. دادىسى بېخىلنىڭ بالىسى بەتخەج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئورۇنسىز پۇل خەجلەيدىغان، ئىسراپخور .
كىچىك بالىغا كۈندە پۇل بېرىپ ئۆگىتىپ قويسا، چوڭ بولغاندا بەتخەج ئادەم بولۇپ قالىدۇ.