Uyghur主要词典
بەتنىيەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نىيىتى يامان، نىيىتى بۇزۇق.
بەتنىيەت قاراپ قالار ئاقىۋەت. بەتنىيەتنىڭ يولى تار. قارانىيەتنىڭ قارىسىنى كۆرمەي. قارا نىيەتنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يامانلىقنى ئويلايدىغان، نىيىتى بۇزۇق، نىيىتى يامان.
بەتنىيەتنىڭ يولى تار (ماقال).
دېھقاننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ خۇي - پەيلى ئەسكى، ئۆزى مەككار، ئالدامچى، بەتنىيەت ئىكەن.