Uyghur←Chinese主要词典
بەشىنچى كولوننا
دۇنيا تارىخى
第五纵队
dì wǔ zòng duì
1936-1939-يىللاردىكى ئىسپانىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئارقا سەپكە يوشۇرۇنۇۋالغان، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە قارشى جاسۇسلار، خائىنلار قاتارلىق ساتقۇنلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. 1936-يىلى 10-ئايدا، ئىسپانىيە توپىلاڭچى قوشۇنى گېرمانىيە، ئىتالىيىنىڭ مۇداخىلىچى قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ مادرېدقا ھۇجۇم قىلغاندا، توپىلاڭچى قوشۇننىڭ گېنېرالى مولا (1887-1937)رادىئودا سۆزلەپ، ھازىر تۆت كولوننا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، يەنە بىر كولوننا مادرېدتا ساقلاۋاتىدۇ، دەپ جار سالغان. كېيىنچە، <بەشىنچى كولوننا> جاھانگىرلىك باشقا دۆلەتلەردە سېتىۋالغان خائىنلار ۋە كىرگۈزگەن جاسۇسلارنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن.