Uyghur←Chinese主要词典
بەشنامە
دۇنيا تارىخى
五券书
wǔ quàn shū
ھىندىستاننىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى سانسكرىت يېزىقىدىكى مەسەل چۆچەك ھېكايىلەر توپلىمى. ئەسلى تېكىستى مىلادى100 -500- يىللار ئارىلىقىدا شەكىللەنگەن بولسا كېرەك. چوڭ ھىكايىلەر كىچىك ھىكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ جەمئىي بەش چوڭ ھېكايىدىن تۈزۈلگەن. شۇڭا <بەشنامە> دەپ ئاتالغان. نەسىر ۋە شېئىرلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، نەسىرلەر ھېكايىلەرنى بايان قىلغان، شېئىرلار بولسا ھېكايىلەرنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ھېكمەتلىك سۆزماقالىلەردىن ئىبارەت. ھېكايلەردىكى پېرسۇناژلار ئاساسەن ھايۋانلار، ئۇ خەلق ئارىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بەلگلىك دېموكراتىك ئىدىيىگە ئىگە. Ⅵ ئەسىردىن كېيىن تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا پېرسىيە، ئەرەبلەرگە ۋە ياۋروپاغا تارقالغان. تەسىرى ناھايىتى زور. جوڭگوغىمۇ تارقالغان.