Uyghur主要词典
بەسى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆپ، ناھايىتى كۆپ، بەك نۇرغۇن:
ئىنتايىن، ناھايىتى، بەك، غايەت، تولىمۇ:
1. ئەدۇۋ خەيلىگە سالىپ شور غەۋغا،
بەسى جانلارنى ئايرىپ تەندىن ئاندا.
مۇھەممەد سادىق.
2. تاڭ ئاتقۇنچە مۇنىڭتەك باش تۇتتى،
بەسى غەم يىدى - بۇ خۇنابە يۇتتى.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆپ، زىيادە، ھەددىدىن ئاتۇق، تولاراق، كۆپىنچە: بەسى مۈشكۈل - ھەددىدىن تاشقىرى قىيىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
«كەرۇ» تۇرپان شېۋىسىدە كۆپ.
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.