Uyghur主要词典
بەرىكەتلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بەرىكىتى بار، بەرىكەت قىلىدىغان؛ ئېشىپ - تېشىپ تۇرىدىغان.
بەرىكەتلىك داستىخان.
ئاز بولسىمۇ، كۆپكە توغرا كېلىدىغان؛ كۆپكە تېتىيدىغان؛ ئاينىشلىق.
ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈن ئايدەك، ئاي يىلدەك بەرىكەتلىك بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ.
پايدىلىق، مەھسۇلاتلىق، نەتىجىلىك، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق.
زەرەپشان بويلىرى بەرىكەتلىك كۈز ئايلىرى كېلىشى بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.