Chinese→Uyghur主要词典
本都王国
تارىخ
běn dōu wáng guó
پونتو پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
پونتوس پادىشاھلىقى
<پونتوس> گرېتسىيە تىلىدىكى <Pontos> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى <دېڭىز>. قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان. مىلادىدىن 281 يىل ئىلگىرى مىترىدات Ⅱ پادىشاھ بولغان. مىلادىدىن 183 يىل ئىلگىرى سىنوپېنى پايتەخت قىلغان. مىترىدات Ⅵ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 121 - 63) يېقىن ئەتراپتىكى كەڭ رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بوسفور پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى) رىم تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان.