بەندⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېكىتىلگەن، مىخلانغان جاي:[مىسال:] [CRLF]چىن ئاشىقلار چاقار قەپەس بەندىنى، [CRLF]ئىشەنگىن ئەي قەمەرشاھ دەردىڭ تۈگەيدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باغلاق، سولاق، تۈگۈن، تۇزاق، قاپقان:[مىسال:] [CRLF]يا بىر يامان دەردكە قالدى، [CRLF]ياكى ئۇنى بەندكە سالدى، [CRLF]يا زىندانغا سولاپ ئالدى، [CRLF]نە بولدى يارىم كەلمىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسىرلىك، تۇتقۇنلۇق ھالىتى:[مىسال:] مەن پۇت-قولۇم ئازادە بولغىنى بىلەن قەلبىم بەند قىلىنغان، كىشەنلەنگەن ئادەممەن...[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل، بوش ئەمەس:[مىسال:] ئۇ جىددىي ئىش بىلەن بەند ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە بېرىلگەنلىك، مەپتۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئېلىنغانلىق:[مىسال:] تەسىرلىك ئىسكىرىپكا كۈيلىرى يەنىلا مېنى بەند قىلالمىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلانغان، مۇپتىلا بولغان:[مىسال:] [CRLF]ئەي جاپا دەستىدە سەرگەردان يىگىت، [CRLF]نەدىسەن، تۆھمەتكە بەند، قۇربان يىگىت