Chinese→Uyghur主要词典
本百性
دۇنيا تارىخى
يەرلىك پۇقرا
ياپونىيىنىڭ ئېدو مەزگىلىدە فېئودال يەر ئىگىلىرى تەرىپىدىن تىزگىنلەنگەن ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېقانلار. يەرلەرنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە تىزىمغا ئېلىنغان، يىللىق سېلىق تاپشۇرۇشنى زىممىسىگە ئالغان دېقانلار، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆي ئايرىپ چىققاندىن كېيىن تىزىمغا ئېلىنمىغان، ئەمما ھاشارنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېرىلغۇ يېرى، ئولتۇراق ئۆيى بولغان، سۇدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلار يېزىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ھېسابلانغان. كېيىن قارام دېھقانلاردىن تەرەققىي قىلغان ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان بەزى دېھقانلر يېڭى ئۆز پۇقرا دەپ ئاتالغان، شوگناتىنىڭ <بەش كىشىلىك گۇرۇپپا> (يەنى باۋجيا تۈزۈمى)، تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى دېھقانلارنى يەرگە مەھكەم باغلاپ قويغان. ئېدونىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن، تاۋار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ، بەزىلەر يەر ئىگىلىرى ۋە باي دېقانلارنىڭ ئورتاقچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇلار <شۈيتۈن پۇقرا> دەپ ئاتالغان، بەزىلەر قوشۇمچە سودا - سېتىق ياكى جازانىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېيىنكى <پارازىت پومېشچىكلار> نىڭ ئەجدادلىرى بولۇپ قالغان. ئېدونىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە <يەرلىك پۇقرالاردا كەسكىن بۆلۈنۈش بارلىققا كېلىپ، پومېشچىك ۋە ئىجارىكەشلەر پەيدا بولغان، بولۇپمۇ ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ ئېغىرلىقى >پۇقرانىڭ بىردەك قوزغىلىشى< (دېھقانلار قوزغىلىڭى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، فېئودال سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى تەۋرىتىۋەتكەن.