Uyghur主要词典
بەلگىلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر خىزمەت، ۋەزىپىگە قويماق.
ئۇ ئوقۇتقۇچىلىققا بەلگىلەندى. بۇ خىزمەتكە تەيىنلەنگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر شەرتلىك بەلگ، ئىشارەت بىلەن ئىپادىلىمەك.
خىمىيىدە ھىدروگېننى <H> بىلەن بەلگىلەيدۇ.
بىرەر خۇسۇسىيەت، ماھىيەتكە ئاساسەن مەلۇم يەكۈننى ئىپادىلىمەك.
يازنىڭ كېلىشىنى باھار بەلگىلەيدۇ.
بىر قارارغا كەلمەك، قارار قىلماق.
شۇ كۈنكى ئولتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى بىز بەلگىلەيمىز.
بىرەر مەقسەت ئۈچۈن تاللىماق، كۆرسىتىپ بەرمەك.
ئابلىمىت ئەختەمگە داۋاملىق تەكرار قىلىش ئۈچۈن دەرسلىك كىتابتىن بىرنەچچە جاينى بەلگخلەپ بېرىپ ئۆزى شەھەرگە كىرىپ كەتتى.
ئىشقا قويماق، تەيىنلىمەك.
ئۇلار مېنى ئوقۇتقۇچىلىققا بەلگىلىدى.