Uyghur主要词典
بەلگە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئايرىمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىزنا.
« ئىز » بىرەر نەرسىدىن چۈشىدۇ.
« تامغا »، « ئەن » لەر كۆپرەك مالغا سېلىنىدۇ.
يېزىق تىلىنى خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر سىستېمىسدۇر. سۈكۈت _ رازىلىقنىڭ ئالامىتى. ماڭغان يولدا ئىز قالىدۇ، كۆيگەن ئوتتا كۈل. ئەنگە قاراپ مېلىنى تونۇيدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەممىگە سىنپىي تامغا بېسىلغان بولىدۇ. مالنى تامغىسىدىن ئايرى، ئادەمنى سۆزىدىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تونۇشلۇق بولۇش ۋە پەرقلىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن شەكىللەندۈرۈلگەن نىشان، ئالامەت؛ تامغا.
بىرەر مەنە، مەزمۇن ياكى مىقدارنى ئىپادىلىگۈچى گرافىك، ئالامەت، ئىشارە.
سوراق بەلگىسى. تەڭلىك بەلگىسى.
نەرسە، ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى، سۈپىتى.
ئۇلارنىڭ بەلگىلىرى زادى قانداق بولىدۇ؟
<لوگ> ئوبيېكتنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشايدىغان ياكى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى لوگىكىدا <بەلگە> دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىچكى ھېسسىيات، كەچۈرمىشلەرنىڭ، پىسخولوگىيىلىك ھالەتلەرنىڭ تاشقى ئالامىتى، ئەسىرى.
ئايشەمنىڭ چىرايىدىن دەر - ئەلەم بەلگىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
دېرەك بېرىدىغان ئالامەت، نىشان.
مەمەتنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىق - كېسەللىكنىڭ بەلگىسى.
يەر ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاق ۋە قىزىل قىلىپ سىرلانغان ئالا كالتەك ياكى مەخسۇس ئۆلچەملىك سىزىقلار سېلىنغان ئۇزۇن تاختاي.
ماتېماتىكا بىلىملىرى
ھەقىقىي سانلار دائىرىسىدە تەڭلىمە0 =1+x2 نىڭ يېشىمى بولمايدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ھەقىقىي سان، مەيلى مۇسبەت سان، نۆل ياكى مەنپىي سان بولسۇن، ئۇنىڭ كۋادراتى ھامان مۇسبەت سان ياكى نۆل بولىدۇ، كۋادراتى1 - بولغان ساننى تاپقىلى بولمايدۇ.
ئالىملار بۇ تەڭلىمىنى يېشىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يېڭى بىرلىك سان i نى كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى 1-=2i دەپ بەلگىلىدى، مۇنداق خۇسۇسىيەت ھېچقانداق ھەقىقىي ساندا يوق، مۇشۇ خۇسۇسىيەتكە ئاساسەن، ئۇنىڭ 1-√±=i بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ ھەقىقىي سانلار دائىرىسىدە مەنپىي سانلارنىڭ كۋادرات يىلتىزىنى تاپقىلى بولمايدۇ دېگەن يەكۈنگە ئوخشىمايدۇ، كىشىلەر نى i بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇنى مەۋھۇم بىرلىك دەپ، مەۋھۇم بىرلىك i بىلەن بىر ھەقىقىي ساننىڭ بىرلىشىشىدىن تۈزۈلگەن6i,10iغا ئوخشاش سانلارنى مەۋھۇم سان دەپ ئاتىدى.
i بەلگىسىنى ماتېماتىك ئەيلېر1777 - يىلى بىر ماقالىسىدە بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتكەن. كېيىن، گېرمانىيە ماتېماتىكى گائۇس ئۇنى سىستېمىلىق قوللانغان ھەم مەۋھۇم سانغا دائىر ئەمەل قائىدىلىرىنى بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پەيدىنپەي ئومۇملاشقان. مەۋھۇم بىرلىك i بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سانلارنى ھەقىقىي ساندىن كومپلېكس سانغا كېڭەيتتى. كومپلېكس سانلار ib+a شەكلىدە بولۇپ، بۇنىڭدىكى a، b لار ھەقىقىي سان. ئەگەر0 =a،0 ≠b بولسا، ib ساپ مەۋھۇم سان بولىدۇ؛ ئەگەر0 ≠a،0 =b بولسا، ئۇ ھەقىقىي سان بولىدۇ، شۇڭلاشقا، ھەقىقىي ساننى مەۋھۇم سان قىسمى نۆل بولغان كومپلېكس سان دەپ قاراشقا بولىدۇ.