Uyghur主要词典
بەلەند
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۇقىرى، ئېگىز:
ئۈستۈن، ئەۋزەل:
مۆتىۋەر، ئالىيجاناپ:
1. چۇ بەردىڭ ئاڭا رۇتبە مۇنداغ بەلەند،
قىلىپ كۆڭلىنى سېۋمەكىڭ ئەرجۇمەند.
نەۋايى.
2. كۆرۈندى جەزىرە ھەۋاسى بەلەند،
كى قۇشلارىنىڭكىم نەۋاسى بەلەند.
ئا.نىزارى.
3. ئىلاھا، قىلغاسەن بۇ دەھر ئارا ئۇمرىنى جاۋىدان،
بەلەند ئەيلەپ تەقى ھەم شەۋكەتۇ شەئنىنى يۈز چەندان.
مۇھەممەد سادىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىگىز، ئۈستۈن: بەلەند ئاۋاز - ئاۋازلىق، ئاۋازى يۇقىرى؛ داڭلىق، ئاتاقلىق. بەلەندپايە - سالاھىيەتلىك؛ ئالىجاناپ، مەشھۇر، ئەۋزەل.