Uyghur主要词典
بەلازۇرى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 820 - 892) ئەرەب تارىخچىسى. پېرسىيىلىك. باغدادتا ئۇزۇن زامان تۇرغان ھەمدە سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. <كىتاب فۇتۇھۇل بۇلدان> (ئەللەرنى بويسۇندۇرۇش) ۋە <كىتاب ئەنسابۇل ئەشرەف> (ئاتاقلىق كىشىلەر نەسەبلىرى) دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. ئالدىنقى كىتابتا ئەرەبلەرنىڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى بويسۇندۇرۇش - كېڭەيمىچىلىك پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، خەلىپىلىكلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتى خەلىپىلىكلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە توختالغان. كېيىنكى كىتابىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ تارىخى خاتىرىلەنگەن، خاۋارىجلار ھەرىكىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن.